قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.
Author: ھاپىز ئىبنى ئەھمەد ئەلھەكەمىي
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - سابىرجان
ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى ناملىق بۇ كىتاپ ياش دىنى زىيالى ھەدىسشۇناس سەيپىددىن ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ كىتاب ئۆقۇرمەنلەرگە، غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىسلامنىڭ، ئىسلام ئاياللىرىغا تولۇق كىشىلىك ھوقۇقۇنى بەرمىدى دىگەندەك بىرقىسىم توھمەت خاراكتىرلىق كۆز قارىشىنى ئوچۇق بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ پاك ـ دىيانەتلىك، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك بولىشى شۇ مىللەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا ئۇلار ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى كۆزدە تۈتۈپ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىغا قانداق ھەق-ھۆقۇق بەرگەنلىكىنى بىلىۋىلىشىنى كۆزدە تۈتۈپ بۇ ئەسەرنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
Author: دوكتۇر ئىبراھىم ناسىر ئەلناسىر
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى ھېدايەت يولىغا يېتەكلەپ، ئىككى دۇنيالىق مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تۈرۈتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى... قېنى مەرھەمەت!
Author: پەزىلەتلىك شەيخ پەھەد ئىبنى ئابدۇراھمان ھۇمەيد
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
Author: مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئەبۇ ئالىيە
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
-
Source: http://www.islamhouse.com/p/2296